خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
نېپال بىلەن خىتاي چېگراسىدىكى تۇيۇقسىز كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى، مىڭلىغان كىشى يوقاپ كەتتى.
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى / Reuters

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتە نېپال-خىتاي چېگراسىدا يۈز بەرگەن ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى. نېپال دۆلەتلىك ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسى، 26-ئاۋغۇستتىكى ئاپەتتىن بۇيان نېپالدا 1114 جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى، 3916 كىشىنىڭ تېخىچە ئىز – دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئاپەت رايونىدىن تەخمىنەن 12 مىڭ كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئارمىيە ۋە ساقچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 مىڭدىن ئارتۇق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قاتناشتى. نېپالدا جەمئىي 1 مىليون 600 مىڭ كىشى كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. خىتاي تەرەپتە بولسا كەم دېگەندە 16 كىشى ئۆلدى، 261 نەپەر چەت ئەل پۇقراسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 546 كىشى يوقاپ كەتتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى دۇنيا ماگناتلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيە پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىشكەككە يۈرۈپ كەتتى
تۈركىيە دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى
7-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستانغا يېتىپ باردى
قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «مەڭگۈلۈك دوستانە قوشنىدارچىلىق ئەھدىنامىسى» ئىمزالاندى
مەككە ئورتاق مۇداپىئە ئەھدىنامىسىنىڭ تۇنجى كومىتېت يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
تۈركىيەنىڭ يەرلىك كاپالەت پۇلى سىستېمىسى DOA خەلقئارادا تونۇشتۇرۇلىدۇ
نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 900 دىن ئېشىپ كەتتى
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى
ترامپ: مەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولمىغان بولسام، ئىسرائىلىيە يوقاپ كەتكەن بولاتتى