تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەزەربەيجاننىڭ گورانبوي رايونىدىكى بىر ئوق-دورا ئامبىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاشلاردىن كېيىن، ئەتراپتىكى 5 مىڭ ئاھالە بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈرۈلدى.
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى / AA

ئەزەربەيجان دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى كېچىدە بىر ئوق-دورا ئامبىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ پارتلاشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 5 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئالدى. ئوت ئاپىتى گورانبوي ناھىيەسىگە قاراشلىق نىزامى يېزىسى ئەتراپىدىكى ئوق-دورا ئامبىردا يۈز بەرگەن.

گورانبوي ناھىيەسى مۇئاۋىن ھاكىمى سەيمۇر نەزەروۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىزامى ۋە خويلۇ يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە تارقاقلاشتۇرۇلغان. پارتلاشتا ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن، تۇرالغۇ بىنالىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغان. نۆۋەتتە ئوت ئاپىتىنى پۈتۈنلەي كونتىرول ئاستىغا ئېلىش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يېزىلارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى. كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر مۇۋاپىق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى