تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان زىيارىتىدىن قايتىش يولىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئەردوغان تۈركىيەنى «ئەڭ غەربتىكى ئاسىيا ۋە ئەڭ شەرقتىكى ياۋروپا دۆلىتى» دەپ تەسۋىرلەپ، رايونلۇق كىرىزىسلارنى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا، دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گىرېتسىيەنىڭ ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان: «گىرېتسىيە شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوق، ئەمما ھېچكىمگىمۇ ئۆز ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدۇرمايدۇ» دېدى. ئۇ يەنە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە سەل قاراشنىڭ ھېچكىمگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، گىرېتسىيەنىڭ بۇ خاتا يولدىن قايتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.























