گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يۇقۇملانغۇچىلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن 2-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى 65 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئىكەن.
نۆۋەتتە دۆلەت مىقياسىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 290 غا يەتتى. يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنىڭ 20 رايوندىكى 69 شەھەردە كۆرۈلگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى. بولۇپمۇ ئاتتىكا رايونىدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولماقتا.
گىرېتسىيە دۆلەتلىك ئاممىۋى سەھىيە ئورگىنى (EODY) يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى. دائىرىلەر پۇقرالارنى پاشىغا قارشى تۇرۇش پىروگراممىلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا ۋە شەخسىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. يۇقۇمنىڭ تېخى كۆرۈلمىگەن يېڭى رايونلارغىمۇ تارقىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
























