ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قايتا باشلىشىنى «نومۇس قىلارلىق ئىش» دەپ تەرىپلەپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
ئۇ، «Newsmax» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر مەسىلىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ بىر نومۇس قىلارلىق ئىش! نىشان قىلىدىغان شۇنچە كۆپ باشقا جايلار بار» دېدى.
زېلېنسكىينىڭ قىلىۋاتقان بىردىنبىر ئىشىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، ئۇكرائىنا رەھبىرى بىلەن كېلىشىشنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كېلىشىشتىن تېخىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.
ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالىمايدىكەن، پەقەت شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن.
زېلېنسكىي پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان «ئېنېرگىيەدە ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرىقىغا رەددىيە بېرىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە ترامپنى بۇ ئۇرۇشتا «تجاۋۇزچى» نىڭ تەرىپىدە تۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى.






















