يەمەننىڭ غەربىي جەنۇبىنى نىشان قىلغان ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ توسۇۋېلىنىپ پاچاقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەمەندىكى ھۇسىي قوراللىقلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەن چېگراسىغا يېقىن بىر جايدا تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچاردا ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ۋەقە، ئىيۇل ئېيىدا توقۇنۇشلار قايتىدىن باشلانغاندىن بۇيانقى ئىتتىپاقداش قىسىمنىڭ تۇنجى ھەربىي جان تالاپىتى بولۇپ قالدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتتىپاقداش قىسىم باياناتچىسى تۇركى ئەلمالىكى: «مىللىي مۇھاپىزەتچىلەرگە تەۋە AH-6i تىپلىق چارلىغۇچى تىك ئۇچار، تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىدىكى نەجران رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ پارچىلاندى. ۋەقەدە ئايروپىلاندىكى ئىككى ئوفىتسېر ھاياتىدىن ئايرىلدى» دەپ بايانات بەرگەن.
تۆت يىل داۋاملاشقان يەمەندىكى توقۇنۇشلار تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن ئىيۇل ئېيىدا قايتىدىن ئۇلغايدى. ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارنىڭ ئۆتكەن ئايدا قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈشى بىلەن توقۇنۇشلار تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.
يەمەننىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنغان ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم، ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ھۇسىيلار بولسا قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوتلار، نېفىت ئەسلىھەلىرى ۋە رىياد خەلقئارالىق ئايرودورۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە نىشانلارغا زەربە بەردى. ئۆتكەن ھەپتە ئايدورۇمغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بىرىدە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھۇسىيلارنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى توسۇۋېلىندى
يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم يەكشەنبە كۈنى سەھەردە يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خامىس مۇشايت شەھىرىگە ئاتقان ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ توسۇۋېلىنىپ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىتتىپاقداش قىسىم باياناتچىسى ئەلمالىكى، بومبىلارنىڭ توسۇۋېلىنغانلىقىنى X سۇپىسىدىن بەرگەن باياناتى ئارقىلىق ئۇقتۇردى.
باياناتتىن ئازراق بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراۋى مۇداپىئە باش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق پايتەخت رىياد بىلەن دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئابھا ۋە خامىس مۇشايت شەھەرلىرى ئۈچۈن «ئېھتىماللىق ئىچىدىكى خەتەر» ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئورگان كېيىنچە خەتەرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەلمالىكى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ رىياد رايونى، شەرقىي ئۆلكە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر قانچە سائەت ئىچىدە تۆت ئۇچقۇچىسىز ئاپىراتنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىتتىپاقداش قىسىم ھەمدە يەمەننىڭ شىمالىدىكى سائادا شەھىرىگە جايلاشقان ئىككى باللىستىك بومبا ئېتىش سىستېمىسىنىڭ ھۇجۇملار بىلەن ۋەيران قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتتى.



















