مىنىستىر خاقان فىدان ياپونىيەدىكى «نىككېي ئاسىيا» (Nikkei Asia) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقارغۇچىسى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان خاقان فىدان، ئەنقەرەنىڭ توكيو بىلەن بولغان مۇداپىئە سانائىتى ئالاقىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە بىلەن ياپونىيە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىقتىدارلارغا ئىگە، بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئۈچۈن زور يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز.»
تۈركىيەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ياكى ئۇچقۇ تېخنىكىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ھەربىي ھەرىكەت مۇھىتلىرىدا ئۆزىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ دېڭىز ساھىللىرى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ياپونىيە بىلەن ئورتاق تەتقىق قىلىپ چىقىش ھەمدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خاقان فىدان: «ئاۋىياتسىيەدە، بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا سىستېمىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تۇرۇش تېخنىكىلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە، ھەمكارلىق ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتالايدىغان ئىلغار ھەمدە ئەمەلىي مەيدانلاردا سىناقتىن ئۆتكەن ئىقتىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇردى» دېدى.
«غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بار»
مىنىستىر خاقان فىدان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقى بولغان ساھەلەر توغرىلىقمۇ توختىلىپ، ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئۆزگىرىش، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىلىرى، روبوت تېخنىكىسى ۋە چىداملىق تەمىنلەش زەنجىرى ساھەلىرىدە تېخى ئىشلىتىلمىگەن غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
خاقان فىدان تۈركىيەدىكى ھالقىلىق قېزىلما بايلىقلارغا ئالاقىدار سوئالغا تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سانائەت نىشانلىرى بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىز پەقەت كان ئېچىشلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى قوشۇمچە قىممەتكە ئىگە قىسقا ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياپونىيە تېخنىكىسى ۋە سېلىنمىسى بىلەن ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىق ھەقىقىي مەنىدىكى تەڭ پايدا ئېلىش شېرىكچىلىكىنى يارىتالايدۇ، بىزمۇ بۇ ساھەدە ياپونىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز.»




























