تۈركىيە دۈشەنبە كۈنى، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېلىپ ماڭغان «يەرشارى سەمۇد» ياردەم ئەترىتىگە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇنى «يېڭى بىر دېڭىز قاراقچىلىقى قىلمىشى» دەپ ئاتىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم توشۇۋاتقان فلوتقا مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. مىنىستىرلىق باياناتىدا مۇنداق دېدى: «غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان يەرشارى سەمۇد ياردەم ئەترىتىگە خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مۇداخىلىنى، يېڭى بىر دېڭىز قاراقچىلىقى قىلمىشى سۈپىتىدە ئەيىبلەيمىز.»
باياناتتا، فلوتتا تەخمىنەن 40 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بارلىقى بىلدۈرۈلۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ «ھۇجۇم ۋە قورقۇتۇش سىياسەتلىرى» نىڭ پەلەستىن خەلقى بىلەن بولغان خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. مىنىستىرلىق يەنە ئىسرائىلىيەنى مۇداخىلىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە نازارەتكە ئېلىنغان قاتناشقۇچىلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ، فلوتتا بولغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر شەكىلدە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەشەببۇسلارنى قىلغانلىقى ۋە تەرەققىياتلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ماسلاشقان ھالدا يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىمۇ ئىپادىلەندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى غەززەگە قاراپ يولغا چىققان يەرشارى سەمۇد ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇم قىلغان ئىدى. فلوتتىن ئېلان قىلىنغان بىۋاسىتە تارقىتىشلاردا، ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ پاراخوتلارنى بىر-بىرلەپ توختاتقانلىقى كۆرۈلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ «يەدىئوت ئاھرونوت» گېزىتى بولسا، فلوتتا نازارەتكە ئېلىنغان ئاكتىپلارنىڭ، ئاشدود پورتىغا ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن «ھەرىكەتلىك تۈرمە» دەپ سۈپەتلەنگەن بىر ھەربىي پاراخوتقا يۆتكىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
يەرشارى سەمۇد ياردەم ئەترىتى بولسا بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەگە قاراتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەزىپىسى ئۈچۈن «بىخەتەر ئۆتكۈزۈش» تەلەپ قىلدى ۋە ئىسرائىلىيەنى «قانۇنسىز دېڭىز قاراقچىلىقى قىلمىشلىرى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى. فلوتنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ۋە ھەربىي پاراخوتلىرى فلوتنى توختاتقان پەيتتە، كېمىلىرىمىزنىڭ تۇنجىسىغا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە، چۈش ۋاختىغا يېقىن ھۇجۇم قىلدى»
باياناتتا يەنە: «قانۇنىي ۋە زوراۋانلىق بولمىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەزىپىمىز ئۈچۈن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىمىز» دېيىلدى.


















