ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تۈركىيەگە CAATSA دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئىجابىي سىگنال بەردى، ئەمما ھازىرچە بىرەر قارار ئېلان قىلمىدى.
ترامپ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ھەمىشە سۆھبەتلىشىپ تۇرىمەن. سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، ئۇ مېنىڭ دوستۇمدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر دائىم ئىجابىي ساقلاشنى خالايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
ترامپ ئىيۇل ئېيىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئەنقەرەنىڭ «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى «قەتئىي» ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «س - 400» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىدىن كېيىن، 2019-يىلى ئەنقەرەنى «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.























