سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت ئارمىيەدىكى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى 2027-يىلى 1-يانۋارغىچە %20 ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ۋە ئادمىراللار سانىنى %20 ئازايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى
خېگسېت ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنى %20 قىسقارتىشنى بۇيرۇدى. / AP

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت ۋىرگىنىيەدىكى كۋانتىكو دېڭىز ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلىرى بازىسىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ۋە كىچىك كوماندىرلارغا يىللىق «قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەھۋالى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ھېگسېت بارلىق قىسىملارغا، ئۆتكەن ئەتىيازدا تەخمىنەن 800 يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار سانىنى %10 قىسقارتىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇشقا بۇيرۇدى.

ئۇ بۇ قىسقارتىشنىڭ «رەھبەرلىكنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان ھەربىي قۇرۇلمىلارنى تۈگىتىدىغانلىقى»نى، ئارتۇقچە بىيۇروكراتىك قاتلاملارنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «مەن بۇنى جاۋابكارلىق دەيمەن؛ بۇ خېلى بۇرۇنلا تاشلىنىشى كېرەك بولغان قەدەم ئىدى» دېدى.

بۇ قارار ھېگسېت يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئارمىيەنىڭ ئورگان مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قايتا تەشكىللەش مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇساپە كۆپ خىللىق پىروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئايال ھەربىي خادىملار بار قۇرۇقلۇق جەڭ قىسىملىرىنى قايتا تەكشۈرۈش، ئەر ئەسكەرلەرگە تېستوستېرون (ئەركەكلىك ھورمۇنى) تەكشۈرۈشىنى يولغا قويۇش، ئەرلەرگە قوللىنىلىدىغان جىسمانىي لاياقەت ئۆلچەملىرى ۋە جىنسىنى ئۆزگەرتكەن كىشىلەرنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتۈشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىنكاسى

بۇ كەسكىن قايتا تەشكىللەش قەدىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە دەرھال ئىنكاس قوزغىدى. نۇرغۇن كېڭەش پالاتا ئەزاسى بۇنىڭغا ئورگان ئىچىدىكى تازىلاش ھەرىكىتى دەپ باھا بەردى.

دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق جەڭ ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى، دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارك كېللىي: «ھېگسېتنىڭ ئارمىيە رەھبەرلىك قاتلىمىغا قارىتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان نارازىلىقى بار. ئۇ ئارمىيەنىڭ بىر ئەۋلاد مۇنەۋۋەر رەھبەرلىرىنى تازىلاۋاتىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا بىر ئەۋلاد ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى.

قوراللىق كۈچلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايك راۋندز بولسا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ: «ئەگەر مەسىلە پەقەت ھەددىدىن زىيادە چوڭىيىپ كەتكەن يۇقىرى قاتلامنى قىسقارتىش بولسا، بۇنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئالدى بىلەن ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمەن» دېدى.

ھۆكۈمەت ھازىرغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى، ئارمىيە گېنېرالى رەندى جورج، باش ئىشتاب باشلىقى، ئارمىيە گېنېرالى CQ براۋن، دېڭىز ئارمىيە ھەرىكەتلىرى باشلىقى، ئادمىرال لىزا فرانچېتتى ۋە ناتودىكى ۋەكىل، ۋىتسې-ئادمىرال شوشانا چاتفېلدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك قومانداننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ياكى پېنسىيەگە چىقىشقا مەجبۇرلىدى.

رەسمىي سەۋەب كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى كۆپ خىللىق ۋە كەڭ قورساقلىق تەشەببۇسلىرى دائىرىسىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر ئىچىدىن بولدى.

قانۇن بويىچە گېنېرال دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ سان چەكلىمىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. ئەمما دۆلەت مەجلىسىگە نامزات كۆرسەتمەسلىك ئارقىلىق بۇ ۋەزىپە ئورۇنلىرىنى بوش قالدۇرۇشقا بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
ئامېرىكا سۈرىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن 21 پارچە قەدىمكى ئەسەر دەمەشق مۇزېيىدا
خاقان فىدان شىمالىي رېين-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاھىن: مىللىي يانفون مالاتيادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئىران پىرېزىدېنتى پەزەشكىيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىرتتىن ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىردى
سلوۋاكىيەدە مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئوقۇتقۇچى قازا قىلدى
توكيو رېكورت دەرىجىلىك 34 كۈنلۈك يامغۇرغا دۇچ كەلمەكتە
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
فىرانسىيەدە ئوخشاش بولمىغان ساھە خادىملىرى مائاش ئۆستۈرۈش تەلىپى بىلەن ئىش تاشلىدى
مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا قايتۇرۇشنى باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆيلەرنى تەكشۈردى ۋە پونكىت قۇردى