تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش، بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئالاقىدار بىر يۈرۈش توختام ۋە كېلىشىم لايىھەلىرى ئىمزالاندى.
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك ئەزەربەيجان خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە كۆرگەزمىسى (ADEX 2026) جەريانىدا ھەر خىل مۇھىم كېلىشىملەر ھاسىل قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى بىلەن ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى (ASELSAN) بىلەن NOVASİS MMC شىركىتى ئوتتۇرىسىدا نەخچىۋاندا زاۋۇت قۇرۇش توغرىسىدا دەسلەپكى كېلىشىم ئىمزالاندى. شۇنداقلا، Boğaziçi Savunma شىركىتى بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش توختامى، شۇنىڭدەك Boğaziçi Savunma، Kayı Savunma ۋە NOVASİS MMC شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم لايىھەلىرى ئىمزالاندى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا، ASELSAN ئەزەربەيجاننى «Alp 100» تىپلىق رادار سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشكە ئالاقىدار كېلىشىم لايىھەسىگە ئىمزا قويدى. BAYKAR شىركىتى بولسا ئەزەربەيجانغا «Mızrak» ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق-دورا ۋە «Antidot» سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئىككى ئايرىم توختام ئىمزالىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ROKETSAN شىركىتى ئەزەربەيجانغا «Barbaros» قىرغاق مۇداپىئە سىستېمىسى، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ) بولسا «ھۆرقۇش» تىپلىق ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى. ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق «Miras» شىركىتى بىلەن ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى (MKE) ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.
مەزكۇر توختام – كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 500 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.























