تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيە ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى چەكلەش قارارىنى ئاقلىدى
ھىندونېزىيە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى چەكلەش قارارىنى ئاقلىدى.
ھىندونېزىيە ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى چەكلەش قارارىنى ئاقلىدى
ھىندونېزىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئېرىك توھىر / AP

پەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئېرىك توھىر بايانات بېرىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ئىسرائىلىيەلىك گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ جاكارتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش قارارىنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ جامائەت تەرتىپىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

توھىرنىڭ باياناتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC) نىڭ بارلىق خەلقئارالىق تەنھەرىكەت بىرلەشمىلىرىگە ھىندونېزىيەدە پائالىيەت ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا قارىتا بېرىلگەن جاۋاب ھېسابلىناتتى.

كومىتېت يەنە ئىلگىرى 2036-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھىندونېزىيە بىلەن بولغان بارلىق ئولىمپىك نامزاتلىقى سۆھبەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

«بىز ھەر بىر خەلقئارالىق پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغاندا بىخەتەرلىكنى، جامائەت تەرتىپىنى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىمىز» دېگەن توھىر، بۇ پىرىنسىپنىڭ ھىندونېزىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دۇنيادىكى مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان ھىندونېزىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئىسلام ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى.

جاكارتا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانغا قەدەر مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدىكى ھىندونېزىيە سىياسىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

توھىر ھىندونېزىيەنىڭ ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسا، ھېچقانداق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئولىمپىك ياكى ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پائالىيەتلىرىگە ياكى ئولىمپىك بايرىقى ئاستىدىكى باشقا تەشكىلاتلارغا ساھىبخانلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق مىنىستىر ھىندونېزىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە تۈرلۈك تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىدە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئويناش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ
ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ماھارەت كۆرسىتىش جەريانىدا سوقۇلۇپ كەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىراق تەرەپتىن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتۇق
فىدان بىلەن ئاراقچى توختاپ قالغان ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى
ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىراقتا ئىككى مەخپىي ھەربىي بازا قۇرغان
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) 7 جاسۇسنى قولغا چۈشۈردى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇش ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرققە تۆۋەن تەننەرخلىق يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، غەززە شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
كۇبا ئەلچىسى: كۇبالىقلار ئامېرىكانىڭ مەخپىي ھەربىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ