سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ – پۇتىن سۆھبىتىدىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.
ترامپ – پۇتىن سۆھبىتىدىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلدى
ترامپ – پۇتىن سۆھبىتىدىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلدى / AP

كراسنودار رايونىنىڭ ۋالىيسى ۋېنىئامىن كوندىراتيېۋنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ غەربىي ساھىلىدىكى نوۋوروسسىيسك شەھىرىدە ئۇكرائىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 29 كىشى يارىلانغان

نوۋوروسسىيسك شەھەر باشلىقى ئاندرېي كراۋچېنكو چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پارچىلىرىنىڭ ھەرخىل ئورۇنلارنىڭ ساھەسىگە ۋە كىشىلەر ياشايدىغان بىر بىنانىڭ يېنىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئايرىم بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئائىت دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ھەم موسكۋا ھەم كىيېۋنىڭ ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، قىسىملىرىنىڭ كېچىچە 596 ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رايون ۋالىيسىىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، كېچە سائەتلىرىدە ئۇكرائىنامۇ تالاپەتكە ئۇچرىغان؛  مولدوۋا چېگراسىدىكى سىتاروكوزاچى خەلقئارالىق چېگرا ئېغىزىغا بىر رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تېگىشى نەتىجىسىدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ كىشى يارىلانغان.

ئودېسسا رايونىنىڭ ۋالىيسى ئولېگ كىپېر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ كېچىدە دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مولدوۋا چېگراسىدىكى سىتاروكوزاچى خەلقئارالىق قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلدى» دېدى ۋە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا چېگرا ئېغىزى يېنىدىكى پۇقرالاردىن ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇملار رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ توقۇنۇشنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن بىرنەچچە سائەت كېيىنلا يۈز بەردى.

كېرېمىل سارىيى مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ، پۇتىننىڭ ترامپقا رۇسىيەنىڭ «ياۋروپاغا ھېچقانداق شەكىلدە تاجاۋۇزچىلىق پىلانى يوق» دەپ كاپالەت بەرگەنلىكىنى ۋە ئىككى رەھبەرنىڭ يەنە مەيداندىكى ئەھۋالنى، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى باشقا ئىنسانىي مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگېي لاۋروۋ Channel One' تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ترامپنىڭ «ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇكرائىنانى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسى تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەكلىكىنى» ئېيتقانلىقىنى ۋە مەسىلىنى «ھەل قىلىنغان» دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى؛ كىيېۋدا كەم دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلۈپ، 10 كىشى يارىلاندى
رۇسىيە: «گېرمانىيە بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى»
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلگەن ئۇرۇش جىنايەتچىسى ملادىچنىڭ «ئۇلۇغلىنىشى» نى قاتتىق تەنقىد قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بەش كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى
ياپونىيەنىڭ  نىيچىما ئارىلىدا تاغ گۆمۈرۈلۈش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا