خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بەش كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى
«Freedom Edge» مانىۋېرى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە قارشى ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە دېڭىز ۋە ھاۋا كۈچلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بەش كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بەش كۈنلۈك ھەربىي مانىۋېر باشلىدى / Reuters Archive

يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە دۈشەنبە كۈنى ھەر خىل ساھەلەردە ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بەش كۈنلۈك ئورتاق ھەربىي مانىۋېر باشلىغان.

«يونخاپ» خەۋەر ئاگېنتلىقى كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىنى مەنبە قىلاغان ھالدا،  «Freedom Edge»  مانىۋېرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ چېجۇ ئارىلىنىڭ شەرق ۋە جەنۇبىدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ مانىۋېر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنى سۆھبەتكە قايتىشقا ئۈندەش ئۈچۈن ئۆتكەن ئاي جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزئارا«Ulchi Freedom Shield» مانىۋېرىنى قىسقارتقان بولۇشىغا قارىماي، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە باشلاندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Kim Jong-un vows nuclear-armed navy as North Korea expands military ambitions

ئارمىيە باش ئىشتابى مۇنداق دېدى: «ئۈچ دۆلەت مۇستەھكەم ۋە تۇراقلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مەشىقلەرنى دېڭىز، ھاۋا ۋە تور ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ساھەلەردە ھەربىي ھەرىكەت ئىقتىدارلىرى ۋە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ»

مانىۋېرغا ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇھىم دېڭىز ۋە ھاۋا كۈچلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، ھەرىكەتلەرنىڭ سىستېمىلىق ۋە بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر مەشىق كونترول گۇرۇپپىسى بولىدۇ.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى مەشىقلەرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە مۇھىملىقنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە بولسا بۇ دۆلەتلەر ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانىۋېرلارنىڭ ئۇرۇش سىنىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا.

«يونخاپ» نىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ئۈچ دۆلەت ئېگىس (Aegis)  سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەنگەن ئالتە قوغدىغۇچى پاراخوت بىلەن دېڭىز چارلاش ئايروپىلانلىرى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ماي قاچىلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى يازدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Japan's defence minister says cooperation with US and South Korea 'critical' for region
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى: غەززەنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىمىز
نۋىدىيا (NVIDIA) سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات سۇپىسى Hugging Face نى 13 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدۇ
ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىكى كەلكۈن سەۋەبىدىن 17 مىڭ 500 كىشى كۆچۈرۈلدى
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى: «تارىخىي ھەقىقەتلەر بۇرمىلانماقتا»
ئىككى كىشى تونېلدىن تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن ئافىنادا كەسپدىشى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللىدى
نېتانياھۇ: ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئىران ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلاش
نىگېرىيەدە نېفىت ئوغرىلىقى ھەرىكىتىگە قاتناشقان 43 كىشى ئۆلدى
ئىستانبۇلدا دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا چىقتى
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى