لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېچە سائەتلىرىدە كەفر رۇممان يېزىسىغا ھۇجۇملارنى قىلغان. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفر رۇمماندا دانى فەرھات ئىسىملىك لىۋانلىققا تەۋە 3 قەۋەتلىك بىر بىنانى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككىسى بوۋاق بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى ھاياتدىن ئايرىلدى، 5 كىشى يارىلاندى.
يېزىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ بىر پۇقراۋى ئاپتوموبىلنى نىشان قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى نەپەر سەھىيە خادىمى قازا قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يۇقىرى نەباتىيە ۋە ئارابسالىم يېزىلىرىغىمۇ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى.
ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىمۇ بار.
لىۋان مەركەزلىك «ئەل مەيادېن» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كەفر رۇممان يېزىسىدا كېتىۋاتقان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى بىۋاسىتە نىشان قىلغان. ھۇجۇمدا بىر نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان ئىككى كىشى يارىلانغان.
يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۆلتۈرۈلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ ئەلى شەھرۇر ئىسىملىك بىر ياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمدىن كېيىن رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەترەتلەر يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
رەسمىي ئورگانلاردىن ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تېخىچە ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى.
















