خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنى قايتا باشلاش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، ئەمما سۆھبەتنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىنى بېكىتىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ

كرېمىل ئامېرىكالىق مۇزاكىرىچىلەر ستىۋ ۋىتكوفت بىلەن جارېد كۇشنېرنىڭ موسكۋا ۋە كىيېۋ زىيارەتلىرىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاشىنگتون ۋە كىيېۋ بىلەن يېڭىدىن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون دىققىتىنى ئىران بىلەن بولۇۋاتقان ئۇرۇشقا يۆتكىگەنلىكتىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار يېقىنقى ئايلاردا توختاپ قالغانىدى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مۇزاكىرىچىلىرى ئاخىرقى قېتىم 2-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىك قىلغان سۆھبەتتە بىر يەرگە جەم بولغان. ئەمما تەرەپلەر مۇرەككەپ زېمىن مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. شۇنىڭدىن بۇيان سۆھبەت قايتا باشلانمىدى.

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ «ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت شەكلىنى قايتا باشلاش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى باسقۇچتا سۆھبەتنىڭ ئورنى ياكى ئېنىق ۋاقتى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى» بىلدۈردى.

ۋىتكوفت بىلەن كۇشنېر توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان يېڭى دىپلوماتىك ھەرىكەت دائىرىسىدە، ھەپتە ئاخىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەنبە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا (AFP) بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك» تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما موسكۋا ياكى كىيېۋنىڭ ھېچقايسىسى سۆھبەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ئون مىڭلىغان ئەسكەر ۋە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

مۇزاكىرە مۇساپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونى مەسىلىسى سەۋەبىدىن توختاپ قالماقتا. رۇسىيە بۇ رايوننى تولۇق كونترول قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۇنى ھەر قانداق تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار
بولىۋىيەدىكى بىر ھەربىي  لاگېردا پارتلاش يۈز بەردى
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى باشلاندى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنى «ئەرزىمەس كىچىك ئىش» دەپ ئاتىدى
شىمالىي قىبرىس باش مىنىستىرى ئۈستەل كېمە ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 12گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
ۋولكسۋاگېن (Volkswagen) دۇنيا مىقياسىدا يەنە 50 مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى قايتۇرما زەربە ئەمەس
ياۋروپا ئىتتىپاقى: غەززەنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىمىز
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى
نۋىدىيا (NVIDIA) سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات سۇپىسى Hugging Face نى 13 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدۇ