ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئىسسىق ۋە نەملىك ھاۋا» نىڭ تەسىرى بىلەن ئاخىرقى 24 سائەتتە رېكورت سەۋىيەدە يامغۇر ياغقانلىقى ئۈچۈن تۆكىيونىڭ جەنۇبىدىكى نىيچىما ئارىلى ئۈچۈن «5-دەرىجىلىك جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى» ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋولقانلىق بىر ئارال بولغان نىيچىما تۆكىيونىڭ تەخمىنەن 160 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان.
ئارال رايونىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان تاغ كۆچۈشلەرگە قارشى «ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاگاھلاندۇرۇشتا تۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سايتاما ۋە چىبا ۋىلايەتلىرىدە قاتتىق يامغۇرلارنىڭ تەسىرىنىڭ ھەپتە ئىچىدە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.
مېتېئورولوگىيە مەسئۇللىرى ھونشۇ ئاساسلىق ئارىلى بويىچە سوزۇلغان بىر يامغۇر دولقۇنى يېقىنلاشقانسېرى، تىنچ ئوكيان تەرەپتىكى كەڭ رايونلاردا يامغۇرلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
مەسئۇللار تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلقنى تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋە باشقا ئاپەتلەرگە قارشى ئىنتايىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.














