تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى خالۇق گۆرگۈن شانلىئۇرفادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى (TEKNOFEST) دائىرىسىدە، «دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار لوڭقىسى» (World Drone Cup) ۋە «Robolig» مەيدانلىرىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچىنىڭ ياشلارنىڭ ئەقلى ۋە يۈرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) ئالاقە شېرىكى بولغان، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە تېخنولوگىيە گۇرۇپپىسى فوندى جەمئىيىتى (T3) نىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى تېكنوفېست شانلىئۇرفا GAP ئايرودۇرۇمىدا زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خالۇق گۆرگۈن STM شىركىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، FPV كۆزەينىكى تاقاپ ئۇچقۇچى نۇقتىئىينەزىرىدىن ئۇچۇشنى سىناپ كۆردى. ئۇچۇش تەجرىبىسىدىن كېيىن ياشلار ئۆزلىرى لايىھەلىگەن روبوتلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش جەريانى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.
خالۇق گۆرگۈن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«روبوتلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرى بىلەن كېلەچەككە يۈزلەنگەن ياش ئىنژېنېر نامزاتلىرىمىز تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيە مۇساپىسىنىڭ ئەتەلىك تارىخىنى بۈگۈندىن باشلاپ يازماقتا. دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى سۈپىتىدە ياشلىرىمىزنىڭ يېنىدىمىز، سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە يۈرىكىدۇر.»























