ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراي باغچىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىراننىڭ «ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.
ترامپ ئىراننىڭ ۋاز كېچىش ياكى يول قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان-تۇرمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ھازىرلا ۋاز كېچەمدۇ-يوق، بىلمەيمەن، ئەمما ئاخىرىدا ۋاز كېچىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار» دەپ جاۋاب بەردى.
«ھورمۇز بوغۇزىدىن كۆپ مىقداردا نېفىت ئۆتۈۋاتىدۇ»
ترامپ يەنە بىر سوئالغا جاۋابەن، يېقىندا ھورمۇز بوغۇزىدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا نېفىت ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ھورمۇز بوغۇزىدىن تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ كۆپ نېفىت چىقاردۇق» دېدى.





















