تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
مىسىر ئاۋستىرالىيەنى دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىۋەتتى
مىسىر كوماندىسى ئاۋستىرالىيەنى 2 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ غەلىبە قىلدى. 16 كۈچلۈك كوماندا تاللاش باسقۇچىدا مېسسى باشچىلىقىدىكى ھازىرقى چېمپىيون ئارگېنتىنا ياكى دۇنيا لوڭقىسىغا تۇنجى قېتىم قاتناشقان كېپ ۋېردې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
مىسىر ئاۋستىرالىيەنى دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىۋەتتى
ئاۋسترالىيە مىسىر كوماندىسىنىڭ ئۆز ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەن توپى ئارقىلىق نەتىجىنى 1-1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. سۈرەت: ئا پ. / AP

مىسىر بىلەن ئاۋستىرالىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا 1-1 تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، مىسىر كوماندىسى 11 قەدەمدىن تېپىشتا 2 گە قارشى 4 نەتىجە غەلىبە قىلىپ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك تاللاش باسقۇچىغا كىردى؛ ھۈسەيىن ئابدۇلمەجىد ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا ھەل قىلغۇچ بىر توپ كىرگۈزدى.

جۈمە (2026-يىلى 3-ئىيۇل) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىدە، مىسىر ماھىرى ئىمام ئاشۇرنىڭ دەسلەپتە كىرگۈزگەن توپىنى، ئىككىنچى مەيداندا مۇھەممەد ھانىنىڭ ئۆز ۋاراتاسىغا كىرگۈزۈپ قويغان توپى يوققا چىقارغان بولۇپ، مۇسابىقە ئۇزارتىلغان ئىدى.

مىسىر ماھىرى مۇھەممەد ھانى كاللا توپ بىلەن ئۆز ۋاراتاسىغا كىرگۈزۈپ قويغان توپى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۆز ۋاراتاسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىككىنچى توپ ھېسابلىنىدۇ.

مىسىرنىڭ دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى غەلىبىسى، ئۇلارنى سەيشەنبە (7-ئىيۇل) كۈنى ئاتلانتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 16 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلدى. مىسىر كوماندىسى ئارگېنتىنا ياكى كېپ ۋېردې كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. (بۇ ئىككى كوماندا جۈمە كۈنى كەچتە مىيامىدا مۇسابىقىلىشىدۇ.)

 ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى 2006-يىلى ئىتالىيەگە 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىناغا 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

«ئۇ توپنى مەن تېپىشىم كېرەك ئىدى»

غەلىبىدىن كېيىن ھاياجانلانغان مۇھەممەد سالاھ: «بۇ بىر تارىخ» دېدى.

 ئۇ يەنە:«مەن مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بالىلارغا بۇسىلەر ئوينايدىغان ئەڭ چوڭ سەھنە،ئۆزەڭلارغا بېسىم قىلماي مۇسابىقىدىن ھۇزۇر ئېلىڭلار دېدىم» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ