تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: ئۇرۇش تېخىمۇ كېڭەيسە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى «ھەرىكەتكە ئۆتۈشى» مۇمكىن
خاقان فىدان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىران ئۇرۇشىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىدىن ۋە ئۇرۇش خەۋپنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىدان: ئۇرۇش تېخىمۇ كېڭەيسە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى «ھەرىكەتكە ئۆتۈشى» مۇمكىن
ئەمەلدارلار ئۇرۇشنىڭ يەنە 3-2 ھەپتە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، خەتەر دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئەگەر ئىران ئۇرۇشى داۋاملاشسا، ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ رايونلۇق كىرىزىسقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شەنبە (2026-يىلى 21-مارت) كۈنى ئەنقەرەدە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رىيادتىكى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچرىشىشلاردا، پارس قولتۇقى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ يەنە 3-2 ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە خەۋپ دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە ئىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى باشتىن تارتىپلا ئۆزلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ياكى ھەربىي بازىلىرى ئىرانغا قارشى ئىشلىتىشىكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغانلىقلىرىنى  تەرەپلەرگە ئېنىق بىلدۈرگەن.

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىراننى پەقەت ھەربىي ئەسلىھەلەرنىلا ئەمەس، بەلكى پۇقرالار ئۇل-ئەسلىھەلىرى ۋە ئىقتىسادىي بايلىقلارغىمۇ قەستەن ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel behind unprecedented crisis, Fidan says, warns Iran over 'unjustified' strikes on neighbours

ئۇرۇش تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن

ئۇ ئۇرۇشنىڭ يۈزلىنىشىدە تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا پىكىر پەرقىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە يېقىن كەلگۈسىدە ئۇرۇش توختىتىش ياكى تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دەسلەپكى مەۋقەلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىغا بولغان قاراش كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

ئۇ ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەمما مۇنداق بىر يولنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق سۆھبەتكە ئىمكانىيەت يارىتىش، ئەگەر دىپلوماتىيە مەغلۇب بولسا يەنە قايتىدىن ئۇرۇش باشلاش تاللىشىنى ساقلاپ قېلىش ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ: «ئىسرائىلىيە ئىرانغا تېخىمۇ چوڭ زىيان سېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشنى ئىمكانقەدەر ئۇزارتىش سىياسىتىنى قوللىنىشى مۇمكىن» دېدى  ۋە ئاساسلىق توسالغۇنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىدا ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ئورنىتىش ئارزۇسىنىڭ كەمچىل بولۇشىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رىياد سۆھبىتى «ئورتاق نۇقتا» ئىزدەشنى نىشان قىلدى

فىداننىڭ ئېيتىشىچە، 19-مارت رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، ئۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق تەسىرىگە ئۇچرىغان رايون دۆلەتلىرى قاتناشقان بولۇپ، مەقسەت ۋەزىيەتنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىش بولغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىن رايون دۆلەتلىرىنىڭ قاراشلىرىنى توپلاش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى. مەقسەت ئورتاق پىىر ھاسىل قىلش ئىدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى تەكىتلىدى.»

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە يىغىندا دىققەت ئاساسلىقى ئىراننىڭ ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ رولىغا بولغان ئەنسىرەشلەرنىڭمۇ، بولۇپمۇ ئەنقەرە تەرىپىدىن «كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى» دەپ قارالغان قىلمىشلارنىڭمۇ بىرلەشمە باياناتتا ئەكس ئېتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye's Erdogan calls for 'immediate' end to spiral of violence in Mideast

ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيەنىڭ رولى

فىدان كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئۇرۇشنىڭ رايون  ۋەزىيىتىنىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ئىرانغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىق تەلەپلەرنى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەگەر ئۇرۇشتىن كېيىن شارائىت يار بەرسە، دىققەت نۇقتىسىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئىراننىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ پارس قولتۇقىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ بۇ كىرىزىس جەريانىدا ئورنىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ئەنقەرەنىڭ ئىزچىل ئېنىق مەۋقەدە تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بىز ئەڭ بېشىدىنلا مۈجمەل پوزىتسىيەدە بولمىدۇق. بىزنىڭ بارلىق تەرەپلەرگە نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتقانلىقىمىزنى ھەممە ئادەم كۆرۈۋاتىدۇ. تۈركىيە ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە، ھەم ئىراننىڭ ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇردى» دېدى.

ئۇ ئەنقەرەنىڭ ئىران ئۇرۇشىنىڭ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان رايونلۇق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىك يوللاردىن داۋاملىق پايدىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى