ئاۋسترالىيە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنى كېڭەيتىش ۋە كۆچمەنلەر زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك شەخس ۋە تۆت ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى.
ئاۋسترالىيەنىڭ قارارى، ئەنگلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز زىيونىست ئولتۇراق رايونلارنى قۇرۇۋاتقان سەككىز ئىسرائىلىيە قۇرۇلۇش شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شەخسلەر ۋە ئورگانلار مەبلەغ توپلاش، پىدائىيلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش ۋە زوراۋان كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يېڭى ئولتۇراق رايونلارنى پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.





















