تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆز خىزمەتلىرىنى ئىستانبۇلدا داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تەرىپىدىن رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان «نۆل تاشلاندۇق ۋەقىپى» نىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
«ئانتالياغا بارىدىغان يول: كىلىمات ھەرىكىتى سۈپىتىدە نۆل تاشلاندۇق» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنبەرنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرۆمىدا سائەت 17:00 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەنىلىك زىياپەتكە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.



















