«ۋال سترىت ژۇرنىلى» (WSJ) چارشەنبە كۈنى ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياردەمچىلىرىگە، ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرمىگۈچە بۇ دۆلەت بىلەن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئاخىرلاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، ترامپنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئاشكارە توقۇنۇشنى قايتىدىن ئۆرلەتكۈسى يوقلۇقى، يېقىن شەرقتە تېخىمۇ چوڭ بىر ئۇرۇشتىن قېچىش ئۈچۈن «ھەپتىلەرچە، ھەتتا ئايلارچە كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرىشكە» رازى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بۇ ھەپتە بەزى شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەردى.
ئىران رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ۋە كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودرومىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى قويۇپ بەردى. بۇ ھۇجۇملاردا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى ھۇجۇملارنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە ۋە پورتىدىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچتى. ئىران يەنە ئىستراتېگىيەلىك ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاشقا ئۇرۇنۇپ باقتى. ئاپرېلنىڭ بېشىدا بىر ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئىران پورتلىرىغا دېڭىزدىن قامالنى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇردى.
ھورمۇز بوغۇزى ئۈستىدىكى كونتروللۇق تالاش-تارتىشى يەر شارى ئېنېرگىيە بازارلىرىنى چۆچۈتۈش بىلەن بىرگە، خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورتىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاقساتتى. تېھران ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىدىكى سودا ئۆتۈشلىرىنى چەكلىگەن بولسا، ۋاشىنگتون ئىران پورتلىرىغا قاتتىق بىر قامال سىياسىتى يۈرگۈزدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو ئۆز-ئارا قىلىنغان بۇ ھۇجۇملارنى كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىشتىن زىيادە، مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەدبىرلەر دەپ باھالىدى.
رۇبىئو چارشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ (ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ) يىغىنىدا: «ھۇجۇملار ئىراننىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېدى ھەمدە، «ئۇلار پاراخوتلارغا ئوق ئاچمىسا، بىزمۇ ئوق ئاچمايمىز، لېكىن جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇرمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
شۇنداق بولسىمۇ، «ۋال سترىت ژۇرنىلى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، تەكرارلانغان ھۇجۇملار «ترامپ ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈمى ھەققىدە گۇمانلارنى تۇغدۇرماقتا»
ترامپ بىر نەچچە قېتىم، بوغۇزنى قايتىدىن ئاچىدىغان، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى يوقىتىدىغان بىر ئۇرۇش ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا ئىنتايىن يېقىن قالغانلىقىنى تەكرارلاپ كەلمەكتە.


















