تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس گىرېك رۇم دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى قوراللىنىش پائالىيەتلىرى ۋە رايوندىكى ھەربىي تەشەببۇسلىرىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە: گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئاخبارات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ۋە ئاممىۋى ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلىق باياناتچىسى دېڭىز ئارمىيە بېرىگادا گېنرالى زەكى ئاقتۈرك، ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 115-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىزمىر چىغلىدىكى 2-باش رېئاكتىپ ئايروپىلان بازىسى قوماندانلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنىڭ قورال سېتىۋېلىشنى كۈچەيتىشى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مىنىستىرلىق تەرىپىدىن گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى قوراللىنىش پائالىيەتلىرى ھەمدە رايوندىكى ھەربىي تەشەببۇسلىرىنىڭ يېقىندىن ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تىنچلىق، مۇقىملىق ھەم ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ياقلايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى قەتئىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالماقتا. رايونىمىزنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى قوراللىنىش مۇسابىقىلىرى ۋە جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەر ئەمەس، بەلكى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا ھەمكارلىق ۋە دىيالوگ مۇھىتىنى كۈچەيتىشتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىرېتسىيەنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشى، ئالدى بىلەن گىرېتسىيە خەلقى ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر.»

ئىزدىنىڭ
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى
ياشلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى پىسخىكىلىق ياردەم ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل پاراڭ بوتلىرىنى ئىشلەتمەكتە
تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكلىرى تۈرى: نەقىشلەر
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى كالىن ھاماس ھەيئىتى بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشتى
كومپيۇتېرلار ئۆزگىرىۋاتامدۇ؟ نۋىدىيە (Nvidia) سۈنئىي ئىدراكلىق يېڭى كومپيۇتېر چىپىنى تونۇتتى
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 33 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاندى
مىنىستىر فىدان، ئىرانلىق مەنسەپىدېشى ئاراكچى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ترامپ بىلەن شارا تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
مىنىستىرلار كابىنېتى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ
مالايشىيا 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەش نىزامىنى يولغا قويدى
ئىران ھورمۇزگان ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە گىلەم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا 872 مىليون دوللارلىق گىلەم ساتتى
ئامېرىكانىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 3 ئادەم ئۆلدى