ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئاخىرىدا بىر نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ترامپ بۇ ھەقتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«سۆھبەتلەرنىڭ ئەسلىدە ئىنتايىن ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمەن. ئىران بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن.»
بىراق ترامپنىڭ بۇ ئۈمىدۋار پوزىتسىيەسى ئىران تەرەپتىن كەلگەن باياناتلارغا زىت بولدى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئالاقە يوللىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان سۆھبەتلەردە تېخىچە «ئېنىق بىر ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋاشىنگتون-تېھران لىنىيەسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەردىن ئايرىم تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىشنى خالايمەن، چۈنكى ئىككىسى بىر - بىرىگەئوخشىمايدىغان مەسىلىلەردۇر.»
لىۋاندىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ترامپ، ئامېرىكانىڭ ھىزبۇللاھ بىلەن تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«تۈنۈگۈن ئۇلار بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا كېلىشتى؛ ئىسرائىلىيەمۇ ھۇجۇم قىلمايدۇ، ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىمىز.»
«ئۇرۇش لىنىيەسىدىكى ئۆزئارا توقۇنۇشلار»
يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندا جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا يېرىم كېچىدە ئىرانغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە بىر يەر يۈزى كونترول ئىستانسىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ ئىران قىسىملىرىمۇ بەزى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ترامپ يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مۇنداق دېدى:
«ئۇ يەر دۇنيانىڭ باشقا بىر رايونى. ئۇ رايوندا ئۇرۇش توختىتىش، توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ يۇمشاق سەۋىيەدە داۋاملىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
ئۇ، ئىرانغا قارىتىلغان ھەرىكەتلەر توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ھەممە نەرسىنىڭ بىر سەۋەبى بار. ئالدىنقى كۈنى كېچىسى ۋە تۈنۈگۈن كېچە بىز ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەردۇق. ئەھۋال ماڭا چۈشەندۈرۈلگەندە، <بولىدۇ> دېدىم.»
ئاپرېل ئېيىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان بولسا لىۋاندا رەسمىي ھالدا بىر ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكتە. بىراق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىغا قارىماي، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى يەرلىك لىنىيەلەردە جىددىيچىلىك ۋە توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.




















