خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ قائىدەسىگە تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى، مەستانىلەرنىڭ سۇ تېپىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشەسىنى قوزغىدى. خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئالدىدىكى بۇ قارارنى بىخەتەرلىك خەۋپى بىلەن چۈشەندۈردى.
خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) «تەنتەربىيە مەيدانى قائىدىسى» گە تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان مەستانىلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا پلاستىك سۇ شىشىلىرىنى ئېلىپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولدى.
خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پەيشەنبە (2026-يىلى 4-ئىيۇن) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىلگىرى مەيدانغا ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان بوش، سۈزۈك، قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان پلاستىك شىشىلەرنىڭ مۇشۇ ھەپتە بېشىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان يېڭى قائىدە بويىچە چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر چەكلىمە يەنە بوتۇلكا، ئىستاكان، كوزا ۋە قۇتىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەدبىر ئەتراپقا نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئېتىلىپ، ماھىرلار، رېپىرلار ياكى تاماشىبىنلارنىڭ يارىلىنىش خەۋپىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
باياناتتا: «خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى بارلىق ماھىرلار، رېپىرلار، مەستانىلەر، پىدائىيلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېيىلدى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەكلىمىلەرنىڭ بىر قىسىم مۇسابىقە مەيدانلىرىدا ئەسلىدىنلا بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 2026 FIFA World Cup: 104 thrilling matches in North America — your quick guide
تەۋسىيە
مۇسابىقىلەر باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.
مەزكۇر قارار مەستانىلەرنىڭ سۇ قىس بولۇش ئەندىشەسىنى قوزغىدى، چۈنكى مۇسابىقە مەزگىلىدە بەزى ساھىبخان شەھەرلەردىكى تېمپېراتۇرانىڭ 26 دىن 28 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىبخان شەھەرلەردىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئەتراپىدا سۇ تولۇقلاش پونكىتلىرى، سۇ پۈركۈپ سوۋۇتۇش رايونلىرى، سوۋۇتۇش چېدىرلىرى ۋە شامالدۇرغۇچلار قاتارلىق ئىسسىقلىقنى پەسەيتىش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى يەنە تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئىچىدىكى سۇ باھاسىنىڭ شۇ مەيدانلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشقا پائالىيەتلەردىكى باھا بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكا بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلىدىغان، 48 كوماندا قاتنىشىدىغان كېڭەيتىلگەن دۇنيا لوڭقىسى 11-ئىيۇندىن 19-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ. جەمئىي 104 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ رېكورت يارىتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Dark horse Türkiye: Can the 2002 semi-finalists spring a shock in the 2026 World Cup?



















