ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مۇھسىن رەزائى پايتەخت تېھراندا ئەزەربەيجان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەسلىھەتچىسى شاھىن مۇستافايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن.
رەزائى كۆرۈشۈشتە: «ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى بارلىق خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ. ئىران ئۆزىنى زور كۈچ بىلەن قوغدىدى. ترامپ پاتقاققا پېتىپ قالدى. ترامپ نە سۆھبەتلىشەلمەيدۇ، نە ئۇرۇش قىلالمايدۇ» دېگەن.
دۆلىتىنىڭ ئامېرىكاغا شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رەزائى، ترامپنىڭ قارار چىقىرىش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئامېرىكا جەڭ مەيدانىدىكى ئامالسىزلىقى سەۋەبىدىن ھاۋا قامالىغا مۇراجىئەت قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.
ئۇ تارىخ بويى چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ رايونغا كۆپ قېتىم كېلىپ-كەتكەنلىكىنى، ئىراننىڭ بولسا، بۇ زېمىندا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندا ئىستىقبالىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراننىڭ ئامېرىكا ئالدىدا مەزمۇت تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.





















