خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى رىياد سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، رىياد ئايرودورۇمى مەسئۇللىرى يولۇچىلارغا ئۇچۇش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش چاقىرىقى قىلدى.
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى / AFP Archive

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتىكى پادىشاھ خالىد خەلقئارا ئايرودورۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىدىدىن پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى (GACA)، ئېلەن قىلغان باياناتىدا، ئايرودورۇمنىڭ شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە يارىدار سانىنىڭ بېكىتىلىشىگە قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە زىياننى تەكشۈرۈش ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى تاماملانغۇچە ئايرودورۇمدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى تەكىتلەندى.

 سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى (GACA) تەرەققىياتلارغا ئائىت يېڭى باياناتلارنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش ئەلچىخانىلىرىمۇ بىخەتەرلىك خەۋپى ۋە قاتناشتا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن پۇقرالىرىغا پادىشاھ خالىد خەلقئارا ئايرودورۇمىدىن يىراق تۇرۇش چاقىرىقى قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ ئارقىدىدىن ئايرودورۇمدا قاتتىق بىر پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

AFP غا سۆز قىلغان ئۈچ شاھىد ئايرودورۇمدا كىشىلەرنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى ئايروپىلانغا چىقىشنى كۈتۈۋاتقاندا پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، باشقا ئىككىسى كىشىلەرنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى جەزملەشتۈرەلمىدى.

ئىككى رايونلۇق  مەسئۇل ئايرودورۇمنىڭ شەنبە كۈنى قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنى يۆتكەش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

AFP غا سۆز قىلغان بىر كىشى، ئاۋىياتسىيە پورتىدىكى ۋەقەدە يارىلانغان يېقىنىنىڭ چېقىلىپ كەتكەن ئەينەك پارچىلىرى سەۋەبىدىن مۈرىسى ۋە قوللىرىدىن يارىلانغانلىقىنى ھەمدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە ئىككى گۇۋاھچى يولۇچىلارنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى دەلىللىدى، بىراق يۆتكەشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئايرودورۇم مەسئۇللىرى يولۇچىلارغا ئايرودورۇمغا بېرىشتىن بۇرۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئۇچۇش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىش چاقىرىقى قىلدى.

ئايرودورۇمنىڭ رەسمىي X ھېساباتىدىن شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «تىنچ ئامان ئايرودورۇمغا بېرىشتىن بۇرۇن بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە شىركىتىڭىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئۇچۇشىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى دەلىللەڭ» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

 Etihad Airways ۋە Qatar Airways، رىياد بىلەن ئۆزىنىڭ مەركەزلىرى ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇشلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بەزى سەپەرلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇشلارنىڭ دۈشەنبە كۈنىگىچە سوزۇلغانلىقى بىلدۈردى.

خۇسىيلار ھەپتىنىڭ بېشىدا رىياد ئاۋىياتسىيە پورتىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە تۆت كىشىنىڭ ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئارقىدىنلا بۇ قېتىم ھۇجۇم يۈز بەردى.

ئىلگىرىكى ھۇجۇملاردا سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە تەۋە بىر ئايروپىلان زىيانغا ئۇچرىغان ھەمدە  ئايرودورۇمدىن قويۇق تۈتۈن ئۆرلەپ چىققان ئىدى.

ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى رىياد سەپەرلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى ياكى ئەمەلدىن قالدۇردى. ۋەقەلەر، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختىدە مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە مەبلەغ سېلىش يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قىسقا ۋاقىت قالغاندا يۈز بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye condemns attacks on Saudi airports by Houthi militia, expresses solidarity
ئىزدىنىڭ
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى