سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 56 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ پىرىلۇكىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى. / Reuters

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 52 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە تەرەپ ئۆز زېمىنىدىكى ھۇجۇملاردا تۆت ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە رۇسىيەنىڭ ساسوۋو شەھىرىدىكى «ياندېكىس» (Yandex) سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە (2026-يىلى 8-ئۆكتەبىر) كۈنى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ شەھەرلىرى ۋە ئۇل -ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئېغىر تالاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - 11 killed in Russian strikes on Ukraine, as Kiev, Moscow trade attacks overnight

ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملار

چېرنىھىۋ ئوبلاستىنىڭ ۋالىيسى ۋياچېسلاۋ چاۋۇسنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ شىمالغا جايلاشقان پىرىلۇكىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، 5 بالىنى ئىچىگە ئالغان 22 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 50 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تېلېگرام بېتىدە قىلغان باياناتىدا: «پىرىلۇكىدا 22 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 5 بالا بار. تۆت كىشى ھۇجۇم يۈز بەرگەن نەق مەيداندا، بىر بالا دوختۇرخانىدا جان ئۈزدى» دېدى.

چاۋۇس يەنە، رۇسىيەنىڭ چارشەنبە (7-ئۆكتەبىر) كۈنى چېرنىھىۋ رايونىنىڭ مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

 ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ بىر كېچىدە قويۇپ بەرگەن 130 ئۇچقۇنىڭ 117 سى، شۇنداقلا كەم دېگەندە 44 باللىستىك ۋە قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ  «Kh-101» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ پىرىلۇكىدىكى تۇرالغۇ بىنالارنىڭ بىرىگە تەگكەنلىكىنى ئېيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كراماتورسك شەھىرىدە ئىككى ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا قىلىنغان ئايرىم-ئايرىم ھۇجۇمىدا 30 ئادەم ېنىدىن ئايرىلغان، 18 ئادەم يارىلانغان. دونېتسىك رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 30 غا يەتكەنلىكىنى دەلىللىدى ۋە شەھەردىكى ئاممىۋى قاتناشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە دائىرىلىرى ئۇكرائىنانىڭ كراسنودار رايونىدىكى نوۋوروسسىيسك پورت شەھىرىگە قىلغان ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا، بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 29 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. رايون ۋالىيسى ۋېنيامىن كوندراتيېۋ يارىلان ئۈچ ئادەمنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇكرائىنانى پۇقرالارنى نىشان قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ھۇجۇمدا ئۈچ ئۆي، بەش تۇرالغۇ بىنا، بىر چېركاۋ ۋە بىر يەسلىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى 11 رايون، قارا دېڭىز ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان قىرىم رايونى ئۈستىدە ئۇكرائىنانىڭ 596 ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

«ياندېكىس» سانلىق مەلۇمات مەركىزىدىكى ئوت ئاپىتى

رۇسىيە دۆلەتلىك تاراتقۇسى «تاس» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تېخنولوگىيە شىركىتى «ياندېكىس» نىڭ رىيەزان رايونى ساسوۋودىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە قىلىنغان ئۇچقۇ ھۇجۇمى ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «ياندېكىس» ھۇجۇمنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ئەسلىھەدىكى مەشغۇلاتلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ۋە بەزى مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. شىركەت بۇ ھۇجۇمدا ھېچكىمنىڭ زەخىملەنمىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان بىر-بىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى، پورتلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلىشنى كۈچەيتتى.

ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالار ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى قەستەن نىشان قىلمىغانلىقىنى، ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت ھەربىي نىشانلار ياكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Why is Ukraine hitting warehouses of Russia's Amazon equivalent Wildberries?
ئىزدىنىڭ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئايرودۇرۇم ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ ئېغىر بەدەلنى بالىلار تۆلمەكتە
ئالىملار ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سەييارە (پلانېتا) نى بايقىدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئېمبارگوغا قارىماي رۇسىيەگە 176 مىڭ توننا يېقىلغۇ توشىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت خۇد (Fort Hood) ھۇجۇمچىسىنىڭ جازاسىنى ئوق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ
تۈركىيە قوشنا دۆلەتلەرگە 20 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ئارمىيەگە غەززەدە تەييارلىقلارنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى بەردى
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق