ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى باش مۇدىرى ئىلھامى كەلەش مىسىرنىڭ ئالئالامەين شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەلئەلەمەين خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى» دە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
مىسىر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت سۈپىتىدە ناھايىتى قىممەتلىك رىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن كەلەش: «مىسىر ئورتاق تارىخىي رىشتىلىرىمىز بولغان، ئورتاق دىنىمىز بولغان ۋە سىياسىي جەھەتتىنمۇ ناھايىتى يېقىنلىق ھېس قىلىدىغان بىر دۆلەت. شۇڭا مىسىر بىلەن بىرەر ئىش قىلىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك» دېدى.
كەلەش ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ مىسىرغا «بازار» سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى «بىرلىكتە خىزمەت قىلىش» مەقسىتىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يەرگە كېلىشتىن سەل ئىلگىرى سارايېۋودا ئىدۇق. ھەتتا سارايېۋودا مۇنداق بىر گۈزەللىكمۇ بولدى: سارايېۋودا تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت مۇداپىئە سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئۇ تۇنجى كۆرگەزمىنىڭ تۇنجى شەرتنامىسىنى بىز مىسىر بىلەن تۈزگەندۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنلا ۋاقىت جەھەتتىن بۇ يەرگە توغرا كەلدى. ئارقىدىنلا يولغا چىقىپ بۇ يەرگە كەلدۇق.»
«مىسىر بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق»
مىسىر ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش مىنىستىرلىقى بىلەن پارتلاتقۇچ بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كەلەش: «مىسىر بىلەن ئورتاق ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى، پارتلاتقۇچ ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەرخىل ئوق-دورا جەابدۇقلىرىنى بىرگە ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت بىر كېلىشىم تۈزدۇق» دېدى.
كەلەش بولۇپمۇ ئاسىممېترىك تەھدىت تۈرلىرىنىڭ خىلمۇخىللىشىشىدىن كېيىن MKE TOLGA غا بولغان قىزىقىشنىڭ ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«مىسىرمۇ بۇنىڭغا قىزىقماقتا ۋە مىسىرغا TOLGA سېتىپ بەردۇق. TOLGA نى ئۇلارنىڭ زاپىسىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھازىرچە مىسىرغا سىمۋول خاراكتېرلىك سېتىش قىلدۇق. ئەمما بىز مىسىردا قۇرغان بۇ بىرلەشمە شىركەت ئارقىلىق، پۈتۈن ئافرىقا بازىرىغا، ھازىر بولسا پارس قولتۇقىغا بازار ئېچىش ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە يارىتىۋاتىمىز. مىسىر ھەربىي ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بىز مىسىرنىڭ ئىقتىدارى، مۇنار، قوماندانلىق ۋە كونترول سىستېمىلىرىمىز، hard kill, soft kill چارىلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى ھەمراھىمىز بۇ يەرمەنكىدە TOLGA سىستېمىلىرىنى تەلەپ قىلدى.»
ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئۆتمۈشتىن بۇيانقى ئوق-دورا ۋە قورال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن شەكىللەندۈرگەن «know-how» زاپىسىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ھالغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كەلەش: «ھازىر بارلىق دۆلەتلەر بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىشلارنى ئۆز دۆلەتلىرىدە قىلىشقا تىرىشماقتا. شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ تېخنولوگىيە يۆتكەش ئىقتىدارىمىز مەھسۇلات ئېكسپورتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە باشلىدى» دېدى.
«يەرلىكلەشتۈرۈش جەھەتتىنمۇ مۇھىم ئىشلارنى قىلىمىز»
كەلەش بىرنەچچە دۆلەت بىلەن ئېكسپورت قىلىشتىن باشقا، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس ئورگانلىرى ئۈچۈنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىلگىرى تىلغا ئالغىنىمىزدەك كانادادا ئورتاق جەمئىيەتلەر (joint venture) قۇرۇۋاتىمىز. ئۇ يەردىكى مۇساپىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. مىسىردىن كېيىنلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بارىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىرقىسىم سېلىنما توغرىسىدا سۆزلىشىمىز. يىراق ئاسىيا، مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق ئەللەردە مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ مالايشىيادا ھۆددىگەرلىك پائالىيەتلىرى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. بۇ كېلىشىم دائىرىسىدە ئۇ يەردە يەرلىكلەشتۈرۈش مەسىلىسىمۇ بار. شۇڭا يەرلىكلەشتۈرۈش جەھەتتىنمۇ مۇھىم ئىشلارنى قىلىمىز.»
باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كەلەش: «دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدە بۇ ئىقتىدارلىرىمىز بىلەن ھەم ئىشلەپچىقىرىش تورىمىزنى، ھەم ئالاقە تورىمىزنى، ھەم بازىرىمىزنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ھازىرقى ۋاقىتتا خەلقئارالىق ۋەزىيەتمۇ بۇنىڭغا ناھايىتى ماس كەلمەكتە. بىز يەنە بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
كەلەش مىسىر بىلەن ئىمزالانغان ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىمى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دەپ بەردى:
«مىسىر قانۇنلىرىغا ئاساسەن <زەپەر> ناملىق بىر شىركەت قۇردۇق. بىز قۇرغان بۇ شىركەت ھەم مىسىردا ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى نامىدىن سودا پائالىيەتلىرىمىزنى باشقۇرىدىغان بولىدۇ، ھەم بۇ يەردە قۇرىدىغان ئورتاق شىركەتلەردە، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرىنى شۇ شىركەت ئارقىلىق قۇرىدىغان بولىمىز. شۇڭا بۇ يەردە ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ مىسىر قانۇنىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر شىركىتى بولدى. بۇنىڭ بىلەن ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى خۇددى ئەزەربەيجاندا بولغاندەك مىسىردىمۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىي سالاھىيەتلىرى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تورۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
«زەپەر» ناملىق شىركەتنىڭ قاهىرەدە قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان كەلەش: «بۇ يەردە بىزنىڭ باشقا شىركەتلەر ياكى يەرلىك شىركەتلەر بىلەن قۇرىدىغان ئورتاقلىقلىرىمىزنى بۇ شىركەت قۇرىدىغان بولىدۇ. يەنى زەپەر ئورتاق بولىدۇ ئۇ شىركەتلەرگە. بۇ شەكىلدىكى مىسىردىكى سودا مۇساپىلىرىمىزگە، ھەتتا ئافرىقادىكى، ھەتتا پارىس قولتۇقى رايونىدىكى سودا پائالىيەتلىرىمىزگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر شىركەتنى قاهىرەدە قۇردۇق» دېدى.














