تەدبىرلەرنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە «دۈشمەن» نىڭ ئېلىپ بارغۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىران ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ قوماندانى بىرىگادا گېنېرالى ئەلى جىھانشاھى، خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چېگراغا «يېشىل كېپىكلىكلەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، جىھانشاھى چېگرا بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار باياناتلاردا بولغان.
جىھانشاھى، خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چېگراغا «يېشىل كېپىكلىكلەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ۋە ئىران ساقچى تەشكىلاتى بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە «دۈشمەن» نىڭ ئېلىپ بارغۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن جىھانشاھى، دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



















