ئىگىلىنىشچە، ۋېنېزۇئېلانىڭ ياراكۇي رايونىدا 2026-يىلى 25-ئىيۇن كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 01:04 تە 7.2 بال، سائەت 01:05 تە 7.5 بال ئارقىمۇئارقا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلار ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باش ئىدارىسى باشلىق ئالاقىدار ئورگانلار ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان ئالاقە نەتىجىسىدە ياردەم تەييارلىقلىرى تاماملانغان.
38 كىشىلىك ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتى يولغا چىقىۋاتىدۇ
باش ئىشتاب باشقارمىسى بىلەن ماسلىشىش دائىرىسىدە ئاجرىتىلغان «A-400M» تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانى بىلەن ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە دەنىزلىدىن 37 كىشىلىك تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتى، سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى 6 كىشىلىك دۆلەتلىك تېببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ 2 كىشىلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمى، 2 ئىزدەش ئىتى ۋە تولۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەنگەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يەر تەۋرەش رايونىغا ئەۋەتىلمەكتە.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ كاراكاستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئېھتىياجلار يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.





















