ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەنئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تۈركىيەنى مۇھىم ھەربىي ئىقتىدارغا ۋە زور مىقداردىكى ھەربىي جابدۇقلارغا ئىگە كۈچلۈك بىر ناتو دۆلىتى دەپ تەرىپلىدى.
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن / AP

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دۆنالد ترامپ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بولغان ھۆرمىتى سەۋەبىدىن قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئەگەر يىغىن باشقا بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ئېھتىمال بارماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ، تۈركىيەنى ناتو ئىچىدىكى چوڭ ھەربىي كۈچلەرنىڭ بىرى دەپ سۈپەتلەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىدارىغا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سەل قارىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي جابدۇق زاپىسىغا ۋە ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ناتو باشلىقلار يىغىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا، قاتنىشىمەن دەپ ئويلىمايتتىم. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا بولغان ھۆرمىتىم سەۋەبىدىن بارىمەن.»

ترامپ يەنە، ئەنقەرەنىڭ «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئايروپىلان موتورلىرىغا بولغان تەلىپى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنى «ناھايىتى خۇشال قىلىدىغان» بىر قەدەمنى تاشلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيە 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

رۇتتې بولسا تۈركىيەنىڭ «ناھايىتى چوڭ» بىر مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىزدىنىڭ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز