ئامېرىكا ئارمىيەسى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، كارائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى بىر قىسىم كېمىلەرگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كارائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى بىر قىسىم كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، دۆلەتكە قارىتىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ئېقىمىنى ئازايتىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ ئامېرىكا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش ئىدارىسى چىقارغان دوكلاتقا تايىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش رامكىسىدا كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، ئەتكەسچىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان لىنىيە ۋە تاكتىكىلارنى ئىشقا سېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە، ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكادىكى زەھەرلىك چېكىملىك تەمىناتىغا ياكى باھاسىغا تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى، ئەتكىسچىلەرنىڭ بولسا خەلقئارا دېڭىزلارنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەنرەك بولغان يېقىن قىرغاق لىنىيەلىرىدە چوڭ پاراخوتلارنى ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئەتكەسچىلەرنىڭ ئامېرىكا كۈچلىرىدىن قېچىش ئۈچۈن ھاۋا يولىغا تېخىمۇ كۆپ تەۋەككۈل قىلغانلىقى، شۇڭلاشقا كارائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېمىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئېقىمىنى ئازايتىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كاەرائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى بىر قىسىم كېمىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئىچىدىكى كىشىلەرنى بىۋاسىتە نىشانلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتتە «سوتسىز جازالاش» مۇنازىرىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.





















