تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن، ئۆتكەن ھەپتە ئافىنادا گىرېتسىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى (EYP) رەئىسى تېمىستوكلىس دېمىرىس بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەتتە ئەگە دېڭىزى، ئاقدېڭىزنىڭ خەۋپسىزلىكى، ناتو دائىرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنداقلا ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى، سۈرىيەدىكى يېڭى ۋەزىيەت، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھەمدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرى ئەتراپلىق كۆزدىن كەچۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ ئىستىخبارات ھەمكارلىقىنى ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈشتى.
تەۋسىيە






















