تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2027-يىللىق خامچوتىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بايان قىلىش جەريانىدا، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرىگە تۆھمەت قىلىش ئۈچۈن تىكلەنمەكچى بولغان بىر ھەيكەلگە مەبلەغ ئاجرىتىش تەكلىپىنى ئەيىبلىدى.
مىنىستىرلىق باياناتىدا، تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 1974-يىللىق قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ۋە ئارالغا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىقنى ئېلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى. باياناتتا يەنە: «رۇم تەرەپنىڭ دەۋالىرى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلىماقتا ۋە سىياسىيلاشتۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ تەرەپسىزلىك ۋە ئادالەت پىرىنسىپلىرىدىن يىراقلىشىپ، رۇم تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىغا قورال بولۇشى جەمئىيەتلەر ئارا ئىشەنچكە زىيان يەتكۈزمەكتە» دېيىلدى. تۈركىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىققا چاقىردى.






















