ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە، دائېش بىلەن ئالاقىسى بار ۋە تۈركىيەدە ھۇجۇم پىلانلاۋاتقان 21 ياشلىق بەركان چ. نى قولغا ئېلىش مەقسىتىدە سۇلتانبەيلىدە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلدى. جىنايەتچى ساقچىلارغا ئوق چىقارغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرما زەربە بېرىلىپ، بىر تەرەپ قىلىندى. ۋەقەدە بىر كىشى يارىلاندى، تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.
تەۋسىيە






















