يەرلىك مەسئۇللار چارشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قىرىمدىكى سىۋاستوپول شەھىرىگە جايلاشقان تارىخىي بىر مۇزېينى نىشانلىغانلىقىنى ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى كېچىلىك پويىز قاتنىشىنىڭمۇ سانى ئازايتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مۇزېي رۇسىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تەركىبىدە ئورۇن ئالغان بىر ئىتتىپاقداشلار قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا 1853 – يىلىدىن 1856-يىللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قىرىم ئۇرۇشىنىڭ ئەسلىمىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان ئىدى.
سىۋاستوپولنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋالىيسى مىخائىل رازۋوجايېۋ تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇزېينىڭ چاتمىسىنىڭ كۆيگەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ياكى زىيان-زەخمەت ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.
رازۋوجايېۋ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپتە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «دۈشمەن بۇ ھۆرمەتسىزلىكنىڭ بەدىلىنى جەزمەن تۆلەيدۇ!» دېدى.
ۋالىي سېرگېي ئاقسيونۆۋمۇ باياناتىدا، بۇ ھەپتە يۈز بەرگەن باشقا بىر ۋەقەدە بىر پويىز شوپۇرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ياردەمچىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ كېچە سائەتلىرىدىكى پويىز قاتنىشىنى ئازايتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2014-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قارا دېڭىزدىكى بىر يېرىم ئارال بولغان قىرىم، ساياھەت مەزگىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىرگە ئۇكرائىنانىڭ يېقىنقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن يېقىلغۇ قىسلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە پېرىزىدېنتى ولادىمىر پۇتىن بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، پۇتىن بۇنى رەت قىلغان ئىدى. كرېمىل سارىيى پويىز ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇشقا تىنچ يول بىلەن چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
رۇسىيەنىڭ سامارا رايونى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى نېفىت گىگانتى «روسنېفت» تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان نۇرغۇن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولۇپ، ۋولگا دەرياسى بويىدىكى مۇھىم نېفىت مەركىزى بولغان نوۋوكونبىشېۋىسك شەھىرىدە بولسا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى ئاگاھلاندۇرىشى ئېلان قىلىندى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ يەتكۈزۈشىچە، مەسئۇللار، ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى سەۋەبىدىن ئاممىۋى قاتناشنى توختىتىپ قويۇش بىلەن بىرگە، بىر مىليون نوپۇسقا ئىگە سامارا شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرىنى يوشۇرۇنۇش ئورۇنلىرىغا كىرىشكە چاقىرغان.
ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشانلىغان ھۇجۇملىرى، دۇنيادىكى ئۈچۈنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان موسكۋا ھۆكۈمىتىنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر قىلدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى روستوۋ رايونىدا، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن چۈشكەن قالدۇق پارچىلار، ئاممىۋىي بىر ئەسلىھەدىكى يېقىلغۇ تانكىسىدا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ۋلادىمىر رايونىدا بولسا ئىككى سانائەت ئەسلىھەسى كۆيۈپ كەتتى.
رۇسىيەنىڭ يىراق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى بولغان خانتى-مانسىيسىك پېرم ۋە تيۇمېندىن باشقا يەنە، ئۇكرائىناغا مىڭلىغان كىلومېتىر ئارىلىقتىكى ئۇرال تاغلارىغا جايلاشقان سانائەت رايونلىرى چېليابىنسىك ۋە سۋېردلوۋىسك رايونلىرىدىمۇ يەرلىك مەسئۇللار جىددىي ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە كېچە بويىچە ئۇكرائىناغا تەۋە 326 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە موسكۋا شەھەر باشلىقى، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىدا بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردىن كەم دېگەندە 10 دانىسىنىڭ پايتەخت موسكۋاغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رېيتېرس ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرلەرنى مۇستەقىل تۈستە جەزملەشتۈرەلمىدى.

















