سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
فىدان ئامېرىكادا ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرلۈك دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېتىپ بارغان ئامېرىكانىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە بىر قاتار دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا بولدى.
فىدان ئامېرىكادا ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرلۈك دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكانىڭ جورجىيە ئىشىتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G20 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ھارپىسىداö ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىنىستىر فىدان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  ماركو رۇبىيو بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان. سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەردىن تاشقىرى، ئامېرىكا بىلەن ئىران

ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم مۇساپىسى، غەززەدىكى ۋەزىيەت، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

يەنە شۇ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان G20 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە مىنىستىر فىدان «گېئوسىياسىي جىددىيلىكلەر» ۋە «ئېنېرگىيە» تېمىلىق بۆلۈملەردە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان.

مىنىستىر فىدان يەنە ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارماناتا كىرىستىياۋان ناسىر بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

ئۇ ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇنى يېڭى ساھەلەرگە كېڭەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تۈركىيە-ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە دىققەت تارتقان.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان زىيارەتلەردىن سىرت، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئىران - تۆت تەرەپ يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى
قاتار ئەمىرى ئال سانى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان سىنگاپورنىڭ يەر ئاستى ئامبارلىرىدا نېفىت ساقلاشنى پىلانلىماقتا
CNN: ترامپ بۇيرۇق بەرسە، ئامېرىكا 96 سائەت ئىچىدە ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىيالايدۇ
ئۆكتىچى رەھبەر نېتانياھۇنى «ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىراندا زىيارەتتە بولماقتا
فرانسىيەدە بوراندىن كېيىن تەخمىنەن 59 مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قېلىش داۋاملاشماقتا
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەرخىللىرى دۆلەتنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مۇھىم يىغىن باشلىدى
تۈرك دۆلەتلىرى ئەنقەرەدە يېزا ئىگىلىكىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەرخىل ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
رۇسىيە: ۋورونېژدىكى ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا پويىزدىكى ئىككى كىشى قازا قىلدى