سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسىتىدە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 60 پارلامېنت ئەزاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسىتىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 60 ئەزاسى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاسنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى جىددىي يىغىن چاقىرىشقا دەۋەت قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي گۇرۇپپىلارغا تەۋە 60 پارلامېنت ئەزاسى كاللاسقا يوللىغان مەكتۇبىدا، تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرىنىڭ 23-ئۆكتەبىردە 2 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئەلخەلىلدە ئۆلگەندىن كېيىن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قامال يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پارلامېنت ئەزالىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ ئومۇمىي خەلقنى جازالاش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان كوللېكتىپ جازالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى ھەمدە ئىسرائىلىيەدىكى سايلام ئالدىدا جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا» دېدى.

ئەلخەلىلدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، ئائىلىلەرگە ئۆيلىرىنى بوشىتىش ئۈچۈن ئاران 5 مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پارلامېنت ئەزالىرى، «بۇ ئەھۋال ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ كەلگۈسى ۋە بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى جەھەتتىن ھالقىلىق بىر باسقۇچتۇر» دەپ باھا بەردى.

پارلامېنت ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېل ئاۋىۋنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلىش ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئېېچىشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسىتىدە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى، كاللاسنى ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئىسرائىلىيە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويۇش تەكلىپىنى سۇنۇشقا دەۋەت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ