تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گەرچە نۆۋەتتە پۈتۈن رايوندا مۇقىمسىزلىق ئەۋج ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق قەتئىي ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ بېشىدا، بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە تاشقى سىياسەت يۆنىلىشىگە دائىر ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: «دەل ھازىر، رايونىمىزدا مۇقىمسىزلىقنىڭ يامراپ، يېپيېڭى جىددىيچىلىك نۇقتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر تارىخىي دەۋرىدە، بىز ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنى مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق دادىل ئىلگىرىلىتىۋاتىمىز. دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك يۈزلىنىشى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتىكى، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى كۆز قارىچۇقىمىزدەك قوغداش — ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە ئۈچۈن ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم ۋە ھالقىلىقتۇر.»

ئۇ سۆزىدە يەنە، پۇقرالارنىڭ سىياسىي كۆزقارىشى، كېلىپ چىقىشى ياكى قايسى مەزھەپكە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەتتىكى بۇ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى قوغداشقا خۇددى ھۆكۈمەتتىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتكۈل تۈرك خەلقىنىڭ نامايان قىلغان سالماقلىقى، تونۇشى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يامان غەرەزلىك كېڭەيمىچىلىك نىيىتىدە رايونىمىزدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتقا سۇ ئەمەس، بەلكى بېنزىن چېچىۋاتقان رەزىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز ۋە ۋاسىتىلىرىمىز بىلەن بۇ يالقۇننى ئۆچۈرۈش، بىگۇناھ خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يەڭگىللىتىش ۋە ئېقىۋاتقان قاننى تېزراق توختىتىش ئۈچۈن سەمىمىي كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بالقان رايونىدىن تارتىپ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگىچە قەيەردىلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، قانداشلىرىمىز ۋە يېقىن دوستلىرىمىز بولىدىكەن، بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھەر قايسى خەلقئارالىق سۇپىلاردا ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوغداۋاتىمىز.»

ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىن باشلاپ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دېگۈدەك سەمىمىي دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. شۇنداقلا، تۈرلۈك تارىخىي ياكى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇناسىۋەتلىرى چەكلىك ۋە سوغۇق بولۇپ كەلگەن دۆلەتلەر بىلەنمۇ يېپيېڭى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ
پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئەردوغان: كانادا بىلەن سودا سوممىسىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشانلاۋاتىمىز
ترامپ: «مۇزاكىرە ئېلىپ بارمايۋاتىمىز، پات ئارىدا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋنى قوبۇل قىلدى
6-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئالاقە ۋە سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنى قىرغىزىستاندا باشلاندى