«سترايتس تايمس» گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىنگاپور ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى تان سى لېڭ «مارىنا بەي سەندس» تە ئۆتكۈزۈلگەن سىنگاپور خەلقئارا ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.
مىنىستىر تاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سىنگاپور ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، 2027-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خام نېفىتىنى سىنگاپوردىكى «جۇرۇڭ تاش ئۆڭكۈرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان غايەت زور يەر ئاستى ساقلاش ئەسلىھەسىدە ساقلاشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 26-ئۆكتەبىردە رەسمىي ئىمزالانغان ئېنېرگىيە كېلىشىمىنىڭ، سەئۇدى خام نېفىتىنى سىنگاپوردىكى مەخسۇس بىر ئەسلىھەدە ساقلاشقا تولۇق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تان نۆۋەتتىكى دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان تەمىنات قىسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت تارتىپ، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ دۇنياۋى ئېنېرگىيە توشۇش ئېقىمىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، جۇرۇڭ ئارىلىنىڭ يەر يۈزىدىن 150 مېتىر چوڭقۇرلۇقىغا جايلاشقان بۇ يەر ئاستى ئەسلىھەسىنىڭ ئومۇمىي نېفىت ساقلاش سىغىمى 1 مىليون 470 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن.






















