ئىسرائىلىيە ئاممىۋى ئاڭلىتىش ئىدارىسى KAN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئىرانغا قارىتىلىش ئېھتىمالى بولغان بىر ھەربىي ھۇجۇم تەييارلىقلىرى دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نەجەف رايونىغا جايلاشقان ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا 10 دانە ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەۋەتكەن.
ئاخبارات ئورگىنى مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ ئوۋدا ۋە نېۋاتىم ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا قونغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت باشقا ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتاردىكى بازىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا تەرەپ مەزكۇر يۆتكەشلەرگە ئالاقىدار تېخىچە بىرەر جەزملەشتۈرۈش ئېلان قىلمىدى. ئايروپىلانلارنىڭ نېمە توشۇغانلىقى ياكى ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا قارشى بىر ھۇجۇم قوزغاش قارارى ئالغان ياكى ئالمىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.




















