ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ رايون تىنچلانغاندا، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانلىرىنى تېپىپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىران تەرەپ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىمزا قويۇش مۇراسىمىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ شەنبە (13-ئىيۇن) كۈنى ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي مېديا» (Truth Social) سۇپىسىدا مۇنداق دەپ يازدى: «مۇۋاپىق ۋاقىتتا، ھەممە يەر تىنچلانغاندا، بىز بىر گرانىت تاشلىق تاغلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈلگەن يادرو كۈللىرىنى تېپىپ چىقىمىز. بىزنىڭ گۈزەل B-2بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچقۇچىلىرىغا رەھمەت، بىز مەيلى ئىراندا بولسۇن ياكى ئامېرىكادا بولسۇن، ئۇلارنى سۇيۇقلاندۇرۇپ (قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ) يوقىتىمىز.»
ئۇ ئىران بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىنلا ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «ھەممەيلەن ئۈچۈن ئوچۇق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: «كېلىشىمنىڭ ئەتە (14-ئىيۇن يەكشەنبە) ئىمزالىنىشى بېكىتىلدى، ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىنلا ھورمۇز بوغۇزى ھەممەيلەنگە ئوچۇق بولىدۇ» دېدى.
ئىران
بىراق، ئىران تەرەپ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلىدىغان چۈشىنىش ھاسىل قىلىش كېلىشىمىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئىمزالانمايدىغانلىقىنى، بەلكى كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىمزالىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل باقائىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسلامئاباد چۈشىنىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سەپلەردىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.
ترامپ تېھراننىڭ ئەمدى يادرو قورالىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باقائى بۇ باسقۇچتا يادرو مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باقائى تاسمىم ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «بىز كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىدىغان ئېنىق ۋاقتىنى كۈتۈشكە مەجبۇرمىز؛ گەرچە ئەتە بولمىسىمۇ، لېكىن كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىمزالىنىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.
ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ بۇ جەريانغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىدىكى «ئىككىلىنىش» نى تىلغا ئېلىپ، ئىراننىڭ «ئېھتىياتچان» بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە: «بىزنىڭ سۆھبەت گۇرۇپپىمىزنىڭ كېيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە جەنۋەگە ياكى باشقا جايغا بارىدىغان پىلانى يوق. بىز ئېنىق ئىمزا قويۇش ۋاقتىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ كۆرۈشىمىز كېرەك» دېدى.
ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باقائى يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ «ناھايىتى يۇقىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«يادرو قورالىغا قارىتا توساق»
ئاپرېل ئېيى (2026) دىكى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ئۇرۇشىدا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا ۋاستىچىلىق قىلغان ۋە شۇنىڭدىن بېرى سۆھبەتلەرگە قاتناشقان پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شەرىف كېلىشىمنىڭ كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ ئىران بىلەن بولغان كېلىشىمىنىڭ «يادرو قورالىغا قارىتا توساق» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تېھراننىڭ ئەمدى يادرو قورالىنى خالىمايدىغانلىقىنى، «سېتىۋېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى باشقا شەكىلدىكى قولغا كەلتۈرۈش يوللىرى بىلەنمۇ يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىران سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ: «بىزنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا تۈپتىن ئوخشىايدۇ ۋە تېخىمۇ ياخشى. تېھران بىلەن ھېچقانداق پۇل ئالماشتۇرۇش بولمايدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە تېھران ۋە تېخىمۇ كەڭ رايون بىلەن بولغان كەلگۈسى مۇناسىۋەتلەرگە نىسبەتەن ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ: «بىز كەلگۈسىدە ئىران ۋە پۈتكۈل يېقىن شەرق بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ جەرياننىڭ تېز، ئاسان ۋە ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بىزدە ئاخىرقى تاللاش ۋاستىسى بار، بۇنىڭدىن ئۈمىدۋارمەنكى ئۇنى ئەمدى ھەرگىز ئىشلەتمەيمىز!» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran 'better get their act together, and fast', Trump says













