ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئامېرىكانىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىغا ۋە دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشىنى چەكلەيدىغان خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىراننىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى دائىرىسىدە، ھۇجۇم مەنبەسى دەپ قارالغان رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرى ۋە ھەربىي كۈچلىرىگە قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.
تېھران ھاكىمىيىتى رايون دۆلەتلىرىگە قىلغان چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، ئۇلاردىن ئۆز زېمىنلىرىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پىلانلاش ۋە قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەمدە بۇ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ جازالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «AH-64 Apache» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسنادا ئومان ساھىللىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
باياناتتا، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 2 خادىمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، يېرىم كېچىدە ئىراننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.














