سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلىتىگە قاراتقان ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم دولقۇنىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار» دېدى.
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ئاراغچى ئامېرىكىنىڭ زەربە بېرىشى ئىراننىڭ جەنۇبىدا پارتلاشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر پەيتتە، ھېچقانداق تەھدىتنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (سۈرەت: ئارخىپ) / AA

ئاراقچى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا قارىتىلغان ئامېرىكا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، دۆلىتىگە قارىتىلغان ھېچقانداق ھۇجۇم ياكى تەھدىتنىڭ «جاۋابسىز قالمايدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ئۆز يازمىسىدا: «ئۇرۇش مەيدانىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىگە قارىماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرادىمىزنى سىناشنى تاللىدى. قۇدرەتلىك قوراللىق قىسىملىرىمىز ھەر قانداق ھۇجۇم ياكى تەھدىتنى جاۋابسىز قالدۇرمايدۇ. پارس قولتۇقى تارىخىدا، بۇ رايونغا رۇخسەتسىز كىرگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتىگە ئائىت نۇرغۇن باپلار بار»  دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئىران مىقياسىدا پارتلاشلار

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران تاراتقۇلىرى ھورمۇزگان ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشم ئارىلى، سىرىك، مىناب ۋە جاسىكتا پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئوق ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بۇ جايلارغا تەگكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان؛ شۇنداقلا بەندەر ئابباس، قەشم ۋە سىرىكتا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) بولسا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر دانە «ئاپاچى» (Apache) تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىرانغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى