فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى. جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى دۈشەنبە (2026-يىلى 8-ئىيۇن) كۈنى يۈز بەرگەن 7.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن، بىر تاللا بازىرى خىزمەتچىسىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىقتى.
چارشەنبە (10-ئىيۇن) كۈنى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر تاللا بازىرىنىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن بىر جەسەتنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 46 گە يەتتى.
دۈشەنبە كۈنى مىنداناۋ قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن 7.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش بىنالارنى ۋەيران قىلدى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇبتىكى ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىدا بولسا، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى.
39 ياشلىق جوي دېلۇۋىيو (Joey Deluvio) گېنېرال سانتوس شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئىككى خىزمەتچىسىنىڭ بىرى ئىدى. قايتا-قايتا يۈز بېرىۋاتقان قالدۇق يەر تەۋرەش خەۋپىگە قارىماي، بۇ تاللا بازىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى.
يەرلىك قۇتقۇزۇش خادىمى مىشېل چۇانىڭ (Michelle Chua) چارشەنبە كۈنى ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئۈسكۈنە ئارقىلىق قۇتقۇزۇش جەريانىدا دەسلەپتە «ئاجىز يۈرەك سوقۇشنى بايقىغان، ئەمما خادىملار جەسەتنىڭ يېنىغا بارغاندا ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى قالمىغان.»
ئۇ يەنە دېلۇۋىيونىڭ جەسىتىنىڭ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان ھالەتتە تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن
دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنى 45 دەپ ئېلان قىلدى. يوقاپ كەتكەنلەر سانى بولسا تۇيۇقسىزلا تۆتتىن 17 گە چىقتى.
خەلق مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، بۇ 45 كىشىلىك تىزىملىككە تېخى دېلۇۋىيو كىرگۈزۈلمىگەن.
خەلق مۇداپىئە ئەمەلدارى رافائېلىتو ئالېجاندرو (Rafaelito Alejandro) رادىيو زىيارىتىدە، ئىسمى جېنىدىن ئايرىلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ غەربىي داۋائو ئۆلكىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ياكى بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Major quake off Philippines kills at least 31, around a dozen still missing













