تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قېرىنداشلىق رىشتىسىدىن كۈچ ئېلىپ تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خاقان فىدان: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەتە ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.
فىدان يەنە، ئۆتمۈشتىكى ئەۋلادلاردىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئەنئەنىلەرگە ئاساسلانغان مەسلىھەتلىشىشلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق نىشانلىرىغا يېتىشىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باشلىقلار يىغىنى، «تۈرك ئەسىرى: تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.


















