غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلدى.
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىر، ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلار تۇرۇۋاتقان كامېرغا باستۇرۇپ كىرگەن دەقىقىلىرىنىڭ ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىدى.

ۋىدېيودا پەلەستىنلىك بىر ئايال تۇتقۇننىڭ تۈرمە شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، ئەڭ ئاساسلىق شەخسىي ئېھتىياجلاردىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۈچ كۈن بولدى يۇيۇنالمىدۇق. كىيىملىرىمىز پاكىز ئەمەس، شارائىت ئىنتايىن ناچار» دېگەنلىكى ئاڭلىنىدۇ.

بېن-گۋىر بولسا تۇتقۇنلارغاجاۋابەن: «تۈرمىدىكى ياخشى كۈنلىرىڭلار تۈگىدى. ئەمدى ۋەزىيەت ئەنە شۇنداق. بۇلارغا ئاساسلىق مەسئۇل كىشى مەن ۋە مەن بۇنىڭدىن مەمنۇن» دەپ مەسخىرە قىلدى. ئۇ يەنە شارائىتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان ئايال تۇتقۇنغا: «سىلەرگە نېمە ئۈچۈن ياردەم قىلىشىم كېرەك؟» دەپ مەسخىرە قىلدى.

بېن-گۋىر ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. ئىسرائىلىيەلىك بۇ مىنىستىر بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تۇتقۇنلارنى كۆپ قېتىم ھاقارەتلىگەن بولۇپ، شارائىتنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان بىر ئايال تۇتقۇنغا: «بۇ يەر مېھمانخانا ئەمەس» دېگەن ئىدى.

پەلەستىن ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 350ى بالا، 94ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 9 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك تۇتقۇن ياتماقتا. ئاچلىق، قىيناش ۋە داۋالاشقا سەل قاراش قاتارلىق ئېغىر شارائىتقا دۇچ كەلگەن ئونلىغان پەلەستىنلىك، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى ناچار مۇئامىلە سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ